为了方便您浏览请下载flash插件,下载地址

如果您看到
“为了帮助保护您的安全,Internet Explorer已经限制此文件的显示可能访问您的计算机的活动内容,单击此处查看选项”

请单击,点“允许阻止的内容(A)”,在弹出的对话框中选择“是”。
ئىسىم:
شىفىر:
سىز تېخى كىرمىدىڭىز
مەۋھۈم ئىزدەش
 
   
2008-12-6 19:03:31   
:يوللانغان ۋاقتى
تور بەتكە ئەزا بولۇشتىن ساۋات سۆزلەپ بېرىلسە.
   

مەن 1001بىر كېچە تورىدىن ھەرقانچە ئىزدەپمۇ ئىسلامچە كىنو كۆرەلمىدىم . ئسلامچە كىنودىن كىرگۈزۈپ قويساق تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
 
 
ياخشىمۇ سىز، ئالدى بىلەن سىزنىڭ تور بېكىتىمىزگە يۇقارقى قىممەتلىك پىكىر تەكلىپلەرنى قالدۇرغىنىڭىزغا چىن دىلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز. لېكىن 1001كېچە تور بېكىتىنىڭ پىرىنسىپى سىز دېگەن مەزمۇننى تورغا يوللاشقا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. مەسىلەن: 1001كېچە تور بېكىتىگە دىنىي، سىياسى ۋە تۇرمۇش خاراكتېرلىك مەزمۇنلارنى يوللاشقا بولمايدۇ. شۇ خىل مەزمۇن ۋە شۇ خىل ھېسياتتىكى ئابونتلار بىراقلا ئۆچۈرۈپ تاشلىنىدۇ. 1001كېچە تورى ئالدى بىلەن پەن-تېخنىكا تۈرىدىكى نادىر ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلىدۇ. ئاندىن نۆۋەت بويىچە خەلقئارادىكى يېڭى ئۇچۇرلار(پەن-تېخنىكا، ئىلىم-پەن،سودا ئىقتىساد،ئوقۇ-ئوقۇتۇش،پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى،ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى....) ئاندىن باشقا ئۇچۇرلارنى ئويلاشساق بولىدۇ، لېكىن دىنىي،سىياسى ۋە تۇرمۇش مەسىللىلىرىنى 1001كېچە تورىغا يوللاشقا بولمايدۇ. يەنە بىرى بىز يوللىماقچى بولغان ئۇچۇرلار ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش تەرەقىياتىغا نىسبەتەن قانچىلىك ئەھمىيىتى بار دېگەن مەسىلىلەرنىمۇ كۆزدە تۇتۇش كېرەك.
 

ئەسمۇتۇللا

   
2008-12-6 18:48:28   
:يوللانغان ۋاقتى
تور لاھىلەشنى ئۈگۈتۈپ قويساڭلار.
   

مەن تور لاھىلىمەكچى ئىدىم ماڭا ياردەم قىلساڭلار .
 
 
بۇ خىل مەسىلىلەر ھەققىدە بىز بىلەن بىۋاستە ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ. TEL: 15026030458 751986280:QQ:
 

ئەسمۇتۇللا

   
2008-10-5 14:46:33   
:يوللانغان ۋاقتى
بۈگۈن زاى كىنو كۆرەلمىدىم؟ بۇ قانداق گەپ؟
   

1001كېچە تورىدىكىلەر ياخشىمۇ سىلەر، مەن بۈگۈن ھەر قانچە قىلىپمۇ كىنو كۆرەلمىدىم بۇ قانداق گەپ؟
 
 
ياخشىمۇ سىز بۇ پىكىرنى بەرگىنىڭىزگە تەشەككۇر، بۇ مۇنداق گەپ كىنو سەھىپىمىزدىكى كىنولار ئاساسلىقى 96669,56,youku.. قاتارلىق بىر قانچە بېكەتلەرنىڭ مۇلازىمىتېردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئەگەر 96669 مۇلازىمىتىرنى يوشۇرسا ياكى ئادىرس ئۆزگەرتسە ئۇ چاغدا شۇ خىل مۇلازىمىتېردىن پايدىلىنىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ كىنو فىلىملىرى بىراقلا توختايدۇ، بىزمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئەمدى ئىككىنچى خىلدىكى فىلىملەرنى كۆرۈش توغرا كەلسە ئەگەر كومپيۇتېرىڭىزغا فلەش قويغۇچنىڭ 7.0 دىن يۇقىرى نەشىرى قاچىلانغان بولسا ھەمدە قويغۇچ ئىجرا ھۆججىتى ھېچقانداق ۋرۇسنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىمىغان بولسا ئوخشاشلا نورمال كۆرگىلى بولىدۇ.
 

تۇرسۇن.

   
2008-9-24 19:50:14   
:يوللانغان ۋاقتى
ياردەم
   

ياخشىمۇسىلەر ،مەن بەلكىم بۇ تور بىكىتىنى تازا چۇشۇنۇپ كەتمىگەنلىكىم مۇمكىن .شۇگلاشقا بەزى ئاۋارىچىلىقلارغا يۇلۇقىۋاتىمەن،ياردەم قىلىشڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .مەن تىلىغۇن مۇزىكىسى چۇشۇرمەكىچى ئىدىم ،بۇرۇن تاپالىغان ،لىكىن ھازىر سىلەر تور بىكەتنى يېڭىلىغاندىن كىيىن مەن تىلىغۇن مۇزىكسىنى پەقەتلا تاپالمىدىم .سىلەرنىڭ ياردەم قىلىشىڭلارنى سورايمەن .رەخمەت سىلەرگە!!!!!!!
 
 
بەلكىم سىز بۇرۇن چۈشۈرگەنلىرى تور بېكىتىمىزنىڭ مۇزىكا سەھىپىسىدىكى مۇزىكىلار بولىشى مۇمكىن، شۇ سەھىپىگە قاراپ باقارسىز، لېكىن بىز تېلېفون مۇزىكىسى ئۈچۈن مەخسۇس سەھىپە تەسىس قىلىپ باقمىدۇق.
 

دىلبەر

   
2008-9-20 22:16:39   
:يوللانغان ۋاقتى
ۋىروسخور ھەققدە
   

ۋىروسخورنىڭ نەشىرى بەك توۋەن ئىكەن ۋاقتى -ۋاقتدا يڭلاپ تۇرگان بولساڭلار . ئويلاپ باقسام ئېھتىياجنى قامدىيالمايدىغاندەك قىلىدۇ.
 
 
رەھمەت سىزگە، دېمىسىمۇ تور بېكىتمىزنىڭ ئامبىرىدا ساقلىنىۋاتقان ۋرۇسخورنىڭ نەشىرىنى يېڭىلاش ۋاقتى ئاللىقچان ئۆتۈپمۇ بولغانتى، ۋاقت قىسلىقى تۈپەيلى ۋاقت چىقىرىپ يېڭىلاپ بولالماي قالدۇق.. تورداشلارنىڭ مۇشۇنداق ياخشى پىكىر تەكلىپلەرنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز..
 

ئەخمەتجان

   
2008-9-12 15:07:24   
:يوللانغان ۋاقتى
پىكىرلىشەيلى
   

رەخمەت سىزگە دوستۇم مىنىڭ سىز بىلەن بەك ئالاقىلاشقۇم بار سۆز قالدۇرغا ن بولسىڭىز
 
 
QQ:767700457 751986280 azizniyaz@163.com
 

بىلىكزات

   
2008-9-10 10:19:59   
:يوللانغان ۋاقتى
كىنو مۇنبىرىڭلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈڭلار!
   

كىنو مۇنبىرىڭلاردىكى كىنولارنىڭ كۆپ قىسمى چىقمايدىكەن شۇڭا كىنو مۇنبىرىڭلاردىكى كىنولارغىمۇ ئازراق كۆڭۈل بۆلۈپ قويساڭلار!
 
 
رەھمەت سىزگە، بېكىتىمىز پۈتۈن پروگرامما قۇرۇلمىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۋاتقان ئىدۇق، بۇ سەۋەپلىك ھازىرقى بارلىق سەھىپىلەر،لايىھە،ساندان، ۋە باشقا مۇلازىمەت تۈرلىرى يېڭىلىنىپ ئىشلىنىۋاتىدۇ، شۇڭا چوڭ كۆلەملىك ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش داۋامىدا ھازىرقى ھەر قايسى سەھىپىلەردە كۆرىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن مۇۋاپىق ۋاقت ئاجىرىتالمىدۇق، توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاللا خالىسا 4-قېتىملىق چوڭ كۆلەملىك يېڭىلاش خىزمىتى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە تاماملىنىدۇ. ھۆرمەت بىلەن 1001 كېچە تور قۇرۇلۇشى
 

ئوبۇلھاشىم

   
2008-9-2 15:25:54   
:يوللانغان ۋاقتى
تىرىشىڭلار!!!
   

باشلىغان خىزمىتىڭلارجاپالىق ۋە ئۇيغۇر تور ئىشلىرى ئۈچۈن تولىمۇ ساۋاپلىق بىر خىزمەت ئىكەن ! غەيرىتىڭلارغا تەشەككۈر!!! تورنىڭ بىرىنچى بىتى تولىمۇ ئېسىل لاھىيىلىنىپتۇ ،بىراق سەھىپە بەتلىرى پەقەت سوغۇق بولۇپ قاپتۇ،بىز ئۇيغۇرلار سەنئەت ۋە گۈزەللىك نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ شەيئىلەرگە باھا بىرىدىغان خەق ،شۇڭا دەسلەپكى قەدەمدىكى تەشۋىقات ۋە لاھىيىلەردە بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭلارنى سورايمەن. سەھىپە بەتلىرىنىڭ رەڭگىنى سەل قىنىىق قىلىۋىتىڭلار،بۇ جۇڭگولۇق تورداشلار ۋە تور شېركەتلىرىنىڭ قىزىقىشى ۋە ئادەم جەلىپ قىلىشتىكى كوزىرى. تور بەتلەرنىڭ لاھىيىلىنىشى بەك قاتمال ۋە سەرەڭگە سىمان بولۇپ قاپتۇ ،بۇ بىزنىڭ تورداشلارنىڭ ئىچىنى پۇشۇرۇپ قويىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە تورداشلىرىمىزنىڭ يىرىمىدىن كۆپى ياش قىز -ئوغۇللار. كۆپرەك تەشۋىقات ۋە ئىلان بېرىڭلار!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
 
 
سىزگە كۆپ رەھمەت، بىز بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىمىز. ھەم تورداشلارنىڭ مۇشۇنداق ياخشى پىكىر-تەكلىپلار بولسا داۋاملاپ تەمىنلەپ تۇرىشىنى كۆڭلىدىكىنى ئايىماي دېيىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ۋاقىتمىز يار بەرسە تور بېكىتىمىزنىڭ 4-نۇسخىسىدا سىز دېگەن پىكىر-تەكلىپلەر ئەمەلگە ئاشقۇسى.. (4-نۇسخىسىدا يېڭى پروگرامما،لايىھەۋە ماتىرىياللار بار بولۇپ، ھازىر بۇلار ھەر كۈنى ئىشلنىۋاتىدۇ.. )
 

تىرىشىڭلار

   
2008-8-23 4:55:05   
:يوللانغان ۋاقتى
بۇ بېكەت زادى قانداق بېكەت بۇ؟
   

سىلەرنىڭ بۇ بېكەت زادى نېمە قىلىدىغان بېكەت؟ سىلەر زادى بۇ بېكەت ئارقىلىق نېمە قىلماقچى؟ بېكىتىڭلار بارغانسىرى چۈشىنىكسىز بولۇپ كېتىپ بارامدۇ يا؟ مېنىڭ كاللام بەك ئاددىيمۇ؟ مەنمۇ بىرەر خىزمەت ئاپ قويسام كېيىن پايدىسى بوپ قالامدۇ يا ئاي ئاخىرىدا مۇنچە پۇل كەپتۇ دەپ پۇل بېرىدىغان گەپمۇ ئەجەپ چۈشەنمىدىمما؟ مۇمكىن بولسا تور بېكىتىڭلار توغۇرلۇق، سەھىپە مەزمۇنلىرى توغۇرلۇق بىر ئېنىقراق بىر نېمە دېسەڭلار بوپتىكەن..
 
 
بۇ بېكەت ھېچقانداق بېكەت ئەمەس، كونكىرىت يۆنىلىشى ئىنتايىن كەڭ دائىرىلىك ئۇچۇر قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش، بەلكىم بۇ قۇرۇلۇش بىر ئاي،بىر يىل،بىر ئۆمۈر ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىشلار پەقەت پىلان بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ خالاس، ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا ئەزالارغا قارىتىلىپلا پروگرامما يېزىلغان ئىدى، ئەمدى بولسا ئەزالارنىڭ قابىليىتى ۋە نۆۋەتتىكى تور جەمىيئىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن پروگرامما يېزىشقا قاراپ يۈزلەندى ھەم يېزىلىۋاتىدۇ.. ئەمدى بۇ ئوتتۇردىكى مۇناسىۋەتكە ئاساسەن 1001كېچىنڭ سەھىپىلىرىنى باشقۇرۇش ۋە كۆرسەتكەن خىزمىتىگە ئاساسەن مۇئاش،مۇكاپات بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق يېزىلىپ بولغان سەھىپىلەرنىڭ تەرەقىياتىنى كونتىرۇل قىلماقچى بولىۋاتىمىز، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىن يېزىلىدىغان سەھىپىلەرنىمۇ شۇ خىل ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىشىمىز مۇمكىن...بۇنىڭدىن كېيىن يېزىلىدىغان سەھىپىلەر ئاساسلىقى نۆۋەتتىكى تور جەمىيئىتىنىڭ ئېھتىياجىنى،تەرەقىياتىنى، تور تېخنىكىسىنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئاساس قىلىدۇ..
 

ھەيران..

   
2008-8-23 3:14:46   
:يوللانغان ۋاقتى
مەن بۇنىڭغا قىززىقتىم ...پروگرامما توغرىلىق تېمىلارنى باشقۇرۇشنى خالايمەن
   

ياخشىمۇ سىلەر...مەن بىر پروگرامما تۈزگۈچى ۋە ئىككى ئۆلچەملىك سەنئەت كۆرۈنۈشى لاھىلىگۈچى...سىلەرنىڭ بۇ ئويلىغىنىڭلار ياخشى بوپتۇ. مەن بۇ ئىش توغۇرلۇق سىلەرگە ئۇچۇر يوللاپ بولدۇم، ئارخىپنىمۇ تاپشۇرۇپ بولدۇم، مۇمكىن بولسا مەن تاپشۇرغان مەزمۇنلاردىكى سەھىپە ھوقۇقىنى ۋە ئايلىق پىلاننى ماڭا تاپشۇرۇپ بەرسەڭلار، مەن سىناپ باقسام...
 
 
رەھمەت، سىزنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىزنى تولۇق تاپشۇرۋالدۇق، پىلان بويىچە بىز يەنە داۋاملىق باشقۇرغۇچى قوبۇل قىلىمىز. قالغان ئىشلارنى پىلان بويىچە ئورۇنلاشتۇرىمىز. شۇڭا سىزنىڭ سەل ساقلاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
 

سەبرى

باش بەت  ئالدىنقى بەت    كېيىنكى بەت    ئاخىرقى بەت   
    تال خاتىرە بار 29 بۇ تۈردە جەمئىي     بەت-
1
نۆۋەتتىكىسى   بەت 3 بۇ تۈر جەمئىي
سۆز قالدۇرۇڭ
 
:تېمىسى
كۇنۇپكا تاختىسىدىن ctrl+k
كۇنۇپكىلىرىنى بىرلىكتە بېسىش ئارقىلىق يېزىق ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ.
 
:مەزمۇنى
 
:ئىسمىڭىز
 
 
http://www.1001keqa.com
بىز كىم؟
ھەمكارلىشىڭ
ئالاقىلىشىڭ
تور بېكەت تۈزگۈچى ئورۇن: ئۈرۈمچى 1001كېچە تور بېكەت گۇرۇپپىسى